ئىشلىتىلمىگەن سۇپۇن
ناھىيە بازىرىدىكى چوڭ-كىچىك ھەممە كىشىنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر ھەسەن ئاخۇن مەركەز جامىدە ئەسىر نامىزىغا ئىماملىق قىلدى. نامازدىن كېيىن ئاستا قەدەم تاشلاپ، بازارنىڭ يېنىدىكى مۇپتىلىك بىناسىغا قاراپ ماڭدى.
ناھىيىلىك ھۆكۈمەت رەستە كوچا گىرۋەكلىرىگە ئۈزۈن سىمۇنت خىش ياتقۇزۇپ رېمونت قىلىشنى قارار قىلغان ئىدى. رەستىنىڭ دەل ئوتتۇرىسىغا ئاسفالت تۆكۈلگەن بولۇپ، ھەممە يەر قۇرۇلۇش ساھەسى بولۇپ كەتكەندەكلا كۆرۈنەتتى. تىجارەتچىلەر بىر نەچچە كۈندىن كېيىن بازار ئىلگىرىكىدىنمۇ بەك چىرايلىق بولۇپ كېتىدۇ دەپ خۇشال بولۇپ تۇرغاندا، تۇيۇقسىز ياققان يامغۇر ھەممە يەرنى لاي-پاتقاق قىلىۋەتكەن ئىدى. بۇنى كۆرگەن تىجارەتچىلەرنىڭ كۆڭلى يېرىم بولدى، لېكىن نېمە قىلالايتتىكى؟!
ھەسەن ئاخۇن دۇكانلارنىڭ ئالدىدىكى مەرمەر تاش ياتقۇزۇلغان يەرگە دەسسەپ كېتىۋاتاتتى. تاش يوق يەردە لايغا دەسسەپ مېڭىشقا مەجبۇر ئىدى. كىيىمىگە لاي چاچراتماسلىق ئۈچۈن ئاۋايلاپ ماڭغاچ ئۇچرىغان تىجارەتچىلەر بىلەن سالاملىشىپ ھال-ئەھۋال سورىشاتتى.
لامپۇچكا ساتىدىغان دۇكاننىڭ ئالدىدىن ئۆتىۋاتقاندا دۇكانچى نەجىپ ئۇستام ئۇنى دۇكانغا كىرىشكە تەكلىپ قىلدى:
- قېنى كەلسىلە ئاخۇنۇم، بىر پىيالە چېيىمىزنى ئىچسىلە! بۈگۈن جۈمە نامىزىدا بىر چىرايلىق تەبلىغ قىلىپ بەردىلە. ئىنسانلار پەقەت دىنغا مەھكەم يېپىشقاندىلا نىجاتلىققا ئېرىشەلەيدۇ. سورايدىغان بىر ئىككى سوئالىم بار. ئالدىراش ئىشلىرى بولمىسا، بىردەم مۇڭداشمايلىمۇ؟
- مۇپتىلىكتە ئىشىم بار. ئەمما بەك ئالدىراش ئەمەس. بىر پىيالە چايلىرىنى ئىچكەچ پاراڭلىشايلى.
جامى، مەسجىد ۋە ناماز بىلەن بەك خوشى يوق سۇپۇنچى كازىم ئۇستا بۇ دۇكانغا تام خوشنا ئىدى. ئاخۇنۇمنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ، ئۇمۇ لامپۇچكا دۇكىنىغا كىردى. نەجىپ ئۇستام چاي كەلتۈرۈشنى ئېيتىۋاتقاندا سۇپۇنچى كازىم ئۇستا گەپ باشلىدى:
- ئاخۇنۇم! دىن ئىنسانلارغا ھۇزۇر ۋە بەخت-سائادەت ئېلىپ كېلىدۇ دەيسىز. ئەمما نەچچە يۈز يىل ۋاقىت ئۆتكەن بولسىمۇ، دۇنيا يەنىلا ئەسكى ئادەملەر بىلەن تولغان.
ھەسەن ئاخۇن:
- تەس بىر سوئال سورىدىڭىز بالام. – دەپ كۆزىنىڭ قۇيرۇقىدا سۇپۇنچىغا بىر سەپسالغاندىن كېيىن تەمكىن ھالدا سۇپۇنچىغا قاراپ، يولدا كىر-مەينەت، لاي يۇقى كىيىملەر بىلەن كېتىۋاتقان ئادەمنى كۆرسىتىپ:
- دۇنيا نەچچە يۈز يىلدىن بۇيان سۇپۇننى بىلىدۇ. سۇپۇن كىر-مەينەتنى پاكىزلىيالايدۇ دەپ يۈرۈيدۇ. لېكىن دۇنيادا يەنىلا نۇرغۇن كىر-مەينەتچىلىك ۋە مەينەتلەشكەن نۇرغۇن ئادەم بار. شۇنداق ئەمەسمۇ؟ - دېدى.
سۇپۇنچى دەرھال ئېتىراز بىلدۈرۈپ:
- شۇنداق، لېكىن سۇپۇننى ئىشلەتكەندە كىرنى تازىلىغىلى بولىدۇ. ئىشلەتمىسە پايدىسى يوق. ئۆزىنى بىلىپ تۇرۇپ، لاي-پاتقاققا ئاتقان كىشىگە سۇپۇن نېمە قىلىپ بېرەلىسۇن؟! – دېدى.
ھەسەن ئاخۇنغا پۇرسەت كەلگەن ئىدى. تۈمۈرنى قىززىغىدا سوقىدىغان چاغ ئىدى:
- توغرا دەيسىز! ئۆزىنى لاي-پاتقاققا چىلاپ يۈرگەن كىشىگە سۇپۇننىڭ نېمە پايدىسى، سۇپۇنچىنىڭ نېمە پايدىسى؟! بالام، دىنمۇ مانا مۇشۇنىڭغا ئوخشايدۇ. ئەمىلىيەتكە تەدبىقلاپ ياشىسا، دۇنياغا ياخشىلىق ئېلىپ كېلىدۇ. ئۆزىنى بىلىپ تۇرۇپ ھارامغا، گۇناھقا، زۇلۇم ۋە ئادالەتسىزلىككە تاشلاپ يۈرگەنلەرگە ئاخۇنۈمنىڭ، دىننىڭ نېمە پايدىسى؟!
|