ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، تورداش ! بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە باش بەت | بىزكىم | RSS
جەسۇر تور بېكىتىدىكى ئورنىڭىز : باش بەت > يازما-پۈتۈكلەر > شىئېرىيەت

ۋەتەن ۋە ئىمان

يوللانغان ۋاقتى:2011-09-23  مەنبەسى:  يوللىغۇچى:  كۆرۈلىشى:130قېتىم

ۋەتەن ۋە ئىمان (ئابدۇقادىر جالالىدىن)

ۋەتەن دەپ توۋلىدىڭ ئىمانىڭ قېنى ؟
قەلەملەر تەۋرەتتىڭ ، ۋىجدانىڭ قېنى ؟
تاڭلارنىڭ ئىشقىدا گۈلخانمەن دېدىڭ،
كۆڭلۈڭ ئاسمىنىدا چولپانىڭ قېنى ؟
قەلەمنى مەشئەل قىپ مۈدۈرۈپ ئۆتتۈڭ،
ئۆپكەڭمۇ يوغىناپ ، يۆتىلىپ ئۆتتۈڭ .

ۋەتەنگە ئىخلاستا باقساڭ ئېڭىشىپ،
قۇۋمىڭنىڭ يىلتىزى ياتار چىرمىشىپ،
چاقنايدۇ مازاردا فوسفور يالقۇنى،
كۆكتىكى يۇلتۇزلاربىلەن سىردىشىپ.
بۇ يەردە بۇغرا ھەم ئوغۇز ياتىدۇ،
قوقاسقا ئايلانغان يۇلتۇز ياتىدۇ.

سەپ تۈزۈپ ھەر رەڭدە پەسىللەر ئۆتتى ،
«ۋەتەن » دەپ باھادىر نەسىللەر ئۆتتى .
ئەۋلادقا پەقەتلا ۋەتەن قالىدۇ ،
باشلاردىن نى ئەقىل نەقىللەر ئۆتتى .
ۋەتەن چۆچەك ئەمەس، سەجدىگاھىڭدۇر،
ۋە يا ئەرمەك ئەمەس، باشپاناھىڭدۇر.

«ۋەتەن __ جانان » دېدىڭ ، جانان تېپىلار ،
ۋەتىنىڭ بولسىلا ھامان تېپىلار،
غۇربەتتە تېنىگەن ساياقلارغىمۇ ،
شاھانە قەسىر ھەم ئايۋان تېپىلار .
بەزىدە ۋەتەنسىز سۇلتان بولىدۇ،
ئۆزىنىڭ گۆشىگە ئوتۇن بولىدۇ .

ۋەتەن ئەسقاتىدۇ ئۆلگەنلەرگىمۇ،
نەپسىنىڭ ئوتىدا كۆيگەنلەرگىمۇ ،
ھەتتا ئوسمىسىنى سېتىپ خوتۇنىنىڭ ،
بىر ئۆمۈر تاماشا كۆرگەنلەرگىمۇ .
لېكىن ھاقارەتتە قالدى قەبرىسى،
تالاي ئاھانەتتە قالدى نەۋرىسى.

ۋەتەن ئىمان بىلەن بىر تەن ئەمەسمۇ؟
ۋەتەن ئىمانسىزغا ماتەم ئەمەسمۇ؟

ياخشىكەن
返回首页
قايتىش
ئىنكاس يوللاش جەمئىيپارچە ئىنكاس بار
ئىسمىڭىز: پارولىڭىز:
تەستىق كودى: نامسىز يوللاش
سەھىپىلەر
  ئىسلامى يازمىلار (10)
  قۇرئان-ھەدىس (7)
  نەسىرى ئەسەرلەر  (5)
  تەرمىلەر (11)
  شىئېرىيەت (6)
  ساغلاملىق (5)
تەۋسىيەلەنگەنلىرى
دىن دېگەن نېمە؟
دىن دېگەن ن
ئابدۇقادىر داموللامنىڭ ئاياللار تەربىيىسى قارىشى
ئابدۇقادىر
بىزگە قانداق قىزلار كىرەك؟
بىزگە قاند
دۇئايى مۇخەممەس
دۇئايى مۇخ
مۇناسىۋەتلىك يازمىلار
يېڭى يوللانغانلىرى
كۆپ كۆرۈلگەنلىرى

باش بەت | بىز كىم؟ | مۇلازىمەتلەر | ئېلان ئالاقە | ئالاقىلشىڭ | بېكەت خەرىتىسى | پىكىر بىرىڭ | WAP
Powered by:EmpireCMS Uyghur Version by jasur.biz 6.6  © 2011-2015
QQ:82808740 | E-mail: jasurbiz@gmail.com | QQ topi(QQ群):17882733
ئەن نومۇى 新ICP备11001092号 |