ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، تورداش ! بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە باش بەت | بىزكىم | RSS
جەسۇر تور بېكىتىدىكى ئورنىڭىز : باش بەت > يازما-پۈتۈكلەر > قۇرئان-ھەدىس

ئاللاھنىڭ كۆزىتىپ تۇرغۇچى ئىكەنلىكى توغرىسىدا

يوللانغان ۋاقتى:2011-07-24  مەنبەسى:ياخشىلار باغچىسى  يوللىغۇچى:jasur  كۆرۈلىشى:300قېتىم

ئاللاھنىڭ كۆزىتىپ تۇرغۇچى ئىكەنلىكى توغرىسىدا

  ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:« ئاللاھ سېنى نامازغا قوپقىنىڭدا كۆرۈپ تۇرىدۇ، ناماز ئۇقۇغۇچىلار ئارىسىدىكى (سەجدىگە بارغانلىق، رۇكۇغا تورغالىق ۋە قىيامدا تورغانلىق) ھەرىكىتىڭنى كۆرۈپ تۇرىدۇ»(1) «سىلەر قەيەردە بولساڭلار، ئاللاھ سىلەر بىلەن بىللە بىرگە، ئاللاھ قىلىۋاتقان ئىشىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر»(2) « شۈبھىسزكى، ئاسمان زېمىندىكى ھېچ نەرسە ئاللاغا مەخپىي ئەمەس»(3) «پەرۋەردىگارىڭ (بەندىلەرنى) ئەلۋەتتە كۆزىتىپ تۇرغۇچىدۇر»(4) « ئاللاھ كۆزلەرنىڭ خىيانىتىنى ۋە دىللاردىكى يوشۇرۇن نەرسىلەرنى بىلىپ تۇرىدۇ»(5). 1. سۈرە شۇئەرا 218 - 219 0 ئايەتلەر.  2. سۈرە ھەدىد 4 - ئايەتنىڭ بىر قىسمى.  3. سۈرە ئال ئىمران 5 - ئايەتنىڭ بىر قىسمى.  4. سۈرە فەجر 14 - ئايەت.  5. سۈرە غافىر 19. ئايەت.
  160 - ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ، بىر كۈنى بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىدا ئولتۇراتتۇق. تۇيۇقسىز قېشىمىزغا كىيىملىرى ناھايىتى ئاق، چاچلىرى قاپقارا بىر كىشى پەيدا بولدى. ئۇ ئادەمدە سەپەر قىلغانلىقىنىڭ ئالامىتى كۆرۈنمەيتتى. ھېچ قايسىمىز ئۇ كىشىنى تۇنۇمايتتۇق. ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا كېلىپ ئولتۇردى. ئاندىن ئۆزىنىڭ ئىككى تىزىنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىككى تىزىغا تەگكۈزۈپ، ئىككى ئالقىنىنى ئىككى يۇتىسىغا قۇيۇپ: ئى مۇھەممەد! ماڭا ئىسلامدىن خەۋەر بەرگىن، دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:« ئىسلام دېگەن بىر ئاللاھدىن باشقا ھېچ ئىلاھنىڭ يوقلۇقىغا ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ئىكەنلىكىگە گۇۋاھلىق بەرگەيسەن، ناماز ئۇقۇغايسەن، زاكات بەرگەيسەن، رامىزاندا روزا تۇتقايسەن ۋە ھەرەمگە بېرىشقا قادىر بولالىساڭ بەيتۇللاھنى ھەج قىلغايسەن، دېدى. ئۇ كىشى: راسىت ئېيتتىڭ، دېدى. بىز ئۇ كىشىنىڭ ئۆزى سۇئال سوراپ ئۆزى تەستىقلىغانلىقىغا ئەجەبلەندۇق. ئاندىن ئۇ كىشى يەنە: ماڭا ئىماندىن خەۋەر بەرگىن، دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:« ئىمان دېگەن ئاللاھغا، ئاللاھنىڭ پەرىشتىلىرىگە، ئاللاھنىڭ كىتابلىرىغا، ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرىگە، قىيامەت كۈنىگە، ياخشلىق ۋە يامانلىقنىڭ ئۇرۇنلاشتۇرۇشى بىلەن بولىدىغانلىقىغا ئىشەنگەيسەن» دېدى.
  ئۇ كىشى: راست ئېيتتىڭ، دېدى. ئاندىن: ماڭا ئېھساندىن خەۋەر بەرگىن دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:« ئېھسان دېگەن سەن ئاللاھنى كۆرۈپ تۇرغاندەك ئىبادەت قىلغىن، گەرچە سەن ئاللاھنى كۆرەلمىسەڭمۇ، ئاللاھ سېنى كۆرۈپ تۇرىدۇ»، دېدى. ئۇ كىشى: ماڭا قىيامەتتىن خەۋەر بەرگىن، دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:« قىيامەتتىن سورالغۇچى سورىغۇچىدىن ئالىم ئەمەس»، دېدى. ئۇ كىشى: ئۇنداقتا ماڭا قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرىدىن خەۋەر بەرگىن، دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:« دېدەك ئۆزىنىڭ خۇجىسىنى تۇغقان چاغدا، يالاڭ ئاياغ، يالىڭاچ، كەمبەغەل، پادىچىلار چوڭ بىنالارنى سېلىش بىلەن پەخىرلەنگەن چاغدا قىيامەت يېقىنلاشقان بۇلىدۇ»، دېدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ كىشى يولىغا راۋان بولدى. مەن ھەيران بولغانچە تۇرۇپ قاپتىمەن. ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:« ئى ئۆمەر، سۇئال سورىغۇچىنىڭ كىملىگىنى بىلەمسەن؟» دېدى. مەن: ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى بىلگۈچىدۇر، دېدىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:« ئۇ بولسا جىبرىئىلدۇر. ئۇ سىلەرگە دىنىڭلارنىڭ ئاساسلىرىنى ئۆگەتكىلى كەلگەن» دېدى. [مۇسلىمدىن]
  261 - ئەبۇزەر ۋە مۇئاز ئىبنى جەبەل رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمالاردىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:« قەيەردىلا بولساڭ ئاللا دىن قورققىن ۋە بىرەر يامان ئىش قىلىپ سالساڭ، ئۇنىڭغا ياخشىلىقنى ئەگەشتۈرگىن. ئۇ ياخشىلىق يامانلىقنى ئۆچۈرىدۇ. كىشىلەرگە چىرايلىق مۇئامىلە قىلغىن». [تىرمىزىدىن]
  362 - ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: بىر كۈنى مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇلىغىغا مىنگىشىۋالغان ئىدىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:« ئى! ئوغۇل! مەن ساڭا بىر نەچچە سۆزنى ئۆگىتىپ قوياي: ئاللاھنى ياد ئېتىپ تۇرغىن، ئاللاھ مۇ سېنى ياد ئېتىدۇ. ئاللاھنى ياد ئەتكىن، ئاللاھنى ئالدىڭدىلا تاپىسەن. قاچانكى بىر نەرسە سورىماقچى بولساڭ ئاللاھدىنلا سورا ۋە قاچانكى ياردەم سورىساڭ ئاللاھدىنلا سورىغىن. بىلگىنكى ئەگەر پۈتۈن كىشىلەر ساڭا بىرەر نەرسە بىلەن پايدا يەتكۈزۈشكە يىغىلغان تەقدىردىمۇ، ئۇلار ئاللاھنىڭ ساڭا پۈتىۋەتكەن نەرسىسىدىن باشقىنى يەتكۈزەلمەيدۇ. ئەگەر ئۇلار ساڭا بىرەر نەرسە بىلەن زىيان يەتكۈزۈشكە يىغىلغان تەقدىردىمۇ، ئۇلار ئاللاھنىڭ ساڭا پۈتىۋەتكەن نەرسىسىدىن باشقا زىياننى يەتكۈزەلمەيدۇ. قەلەملەر كۆتۈرۈلدى، بەتلەر قۇرىدى(1)» دېدى. [تىرمىرىدىن] 1. بۇ ھەدىس: تەقدىرنىڭ پۈتۈنلەي پۈتۈلۈپ بولغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
  يەنە بىر رىۋايەتتە:« ئاللاھنى ياد ئەتكەن، ئاللاھنى ئالدىڭدىلا تاپىسەن. باياشات ۋاقىتلاردا ئاللاھنى تۇنىغىن، ئاللاھ تائالامۇ سېنى قاتتىقچىلىق ۋاقىتلاردا تۇنۇيدۇ. بىلگىنكى، ساڭا تېگىشلىك بولمىغان مۇسبەت ساڭا يەتمەيدۇ ۋە ساڭا تېگىشلىك بولغان مۇسبەت ساڭا يەتمەي قالمايدۇ. بىلگىنكى، غەلىبە ھەقىقەتەن سەۋر قىلىش ئارقىلىق كېلىدۇ، ھەر بىر قىيىنچىلىقتىن كېيىن چىقىش يولى بولىدۇ. ھەربىر مۈشكۈللۈك بىلەن بىر ئاسانلىق بار» دېيىلگەن.
  463 - ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ مۇنداق دېدى: سىلەر شۇنداق بىر ئىشلارنى قىلىدىكەنسىلەركى سىلەرنىڭ قارشىڭلارچە ئۇ ئىشلار ناھايىتى كىچىك ئىشلار ھېسابلىنىدىكەن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاقىتىدا بىز ئۇ ئىشلارنى ھالاكەتكە ئېلىپ بارغۇچى ئىشلار دەپ بىلەتتۇق. [بۇخارىدىن]
  564 - ئەبۇھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:« ئاللاھ ھەقىقەتەن كۈندەشلىك قىلىدۇ، ئاللاھنىڭ كۈندەشلىكى ئاللاھ ھارام قىلغان نەرسىنى قىلغان كىشىگە بۇلىدۇ». [بىرلىككە كەلگەن ھەدىس]
  665 - ئەبۇھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان:« ئىلگىرى ئىسرائىل ئەۋلادىدىن ئۈچ كىشى ئۆتكەن بۇلۇپ، ئۇلارنىڭ بىرى ئاق كېسەل، بىرى تاز يەنە بىرى قارىغۇ ئىكەن. ئاللاھ ئۇلارنى سىناپ باقماقچى بۇلۇپ، ئۇلارنىڭ قېشىغا بىر پەرىشتىنى ئەۋەتىپتۇ. پەرىشتە ئاق كېسەلنىڭ قېشىغا كېلىپ: سەن قايسى نەرسىنى ياخشى كۆرىسەن؟ دەپ سوراپتۇ. ئۇ كىشى: رەڭگىم ۋە تىرەمنىڭ چىرايلىق بۇلۇشىنى كىشىلەر يىرگىنىۋاتقان كېسىلىمنىڭ ساقىيىپ كېتىشىنى خالايمەن، دەپتۇ. پەرىشتە ئۇنى سىلاپ قۇيۇپتىكەن، ئۇنىڭ كېسىلى ساقىيىپتۇ ۋە ئۇنىڭغا چىرايلىق رەڭ بېرىلىپتۇ. پەرىشتە: سەن قايسى مالنى ياخشى كۆرىسەن؟ دەپتۇ. ئۇ تۆگە دەپتۇ، ئۇنىڭغا بىر بوغاز تۆگە بېرىلىپتۇ. پەرىشتە: ئاللاھ بۇ تۆگىدە ساڭا بەرىكەت ئاتا قىلسۇن! دەپتۇ.
  ئاندىن پەرىشتە تازنىڭ قېشىغا كېلىپ: سەن قايسى نەرسىنى ياخشى كۆرسىەن؟ دەپ سوراپتۇ. ئۇ: مەن چىرايلىق چېچىمنىڭ بۇلۇشىنى ۋە كىشىلەر يىرگىنىۋاتقان كېسىلىمنىڭ ساقىيشىنى ياخشى كۆرىمەن، دەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن پەرىشتە ئۇنى بىر سىلاپ قويغان ئىكەن ئۇنىڭدىكى يىرگىنىشلىك نەرسىلەر يوقىلىپ چىرايلىق چاچ بېرىلىپتۇ. پەرىشتە: سەن قايسى مالنى ياخشى كۆرىسەن؟ دەپتۇ. ئۇ: كالا دەپتۇ. ئۇنىڭغا بۇغاز كالار بېرىلىپتۇ. پەرىشتە: ئاللاھ بۇ كالىدا ساڭا بەرىكەت ئاتا قىلسۇن! دەپتۇ.
  ئاندىن پەرىشتە قارىغۇنىڭ قېشىغا كېلىپ: سەن قايسى نەرسىنى ياخشى كۆرىسەن؟ دەپ سوراپتۇ. ئۇ: ئاللاھنىڭ ماڭا كۆزۈمنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ بېرىشىنى، بۇ ئارقىلىق كىشىلەرنى كۆرۈشنى خالايمەن، دەپتۇ. پەرىشتە ئۇنىڭ كۆزىنى سىلاپتۇ. ئاللاھ ئۇنىڭ كۆزىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ بېرىپتۇ. پەرىشتە: سەن قايسى مالنى ياخشى كۆرىسەن؟ دەپتۇ. ئۇ: قوي، دەپتۇ. ئۇنىڭغا بوغاز قوي بېرىلىپتۇ.
  ئاق كېسەلنىڭ تۆگىسى بوتىلاپتۇ، تازنىڭ كالىسى تۇغۇپتۇ، قارىغۇنىڭ قويى قوزىلاپتۇ. كۈنلەر ئۆتۈپ ھەر بىرىنىڭ بىر يايلاق تۆگە، بىر يايلاق كالا، بىر يايلاق قويى بۇلۇپ كېتىپتۇ.
  ئاندىن پەرىشتە ئاق كېسەلنىڭ قېشىغا ئۇنىڭ بۇرۇنقى سۈرىتى ۋە قىياپىتىدە كېلىپ: مەن بىر مىسكىن ئادەم. سەپىرىمدە ئۇزۇق - تۈلۈكۈم تۈگەپ كەتتى. مېنى ئاۋۋال ئاللا، ئاندىن قالسا سەندىن باشقا بىرى مەنزىلىمگە يەتكۈزۈپ قويالمايدۇ. ساڭا چىرايلىق رەڭ ۋە تىرە ئاتا قىلغان، نۇرغۇن مال بەرگەن ئاللاھ نامى بىلەن سەندىن سەپىرىمدە مىنگۈدەك بىر تۆگە بېرىشىڭنى سورايمەن، دەپتۇ. ئۇ كىشى: ئۇ كىشى تۆگە بېرىلىدىغان يەر كۆپ، دەپتۇ. ئاندىن پەرىشتە: مەن سېنى تۇنۇيدىغاندەك قىلىمەن. سەن كىشىلەر يىرگىنىدىغان ئاق كېسەل ئەمەسمىدىڭ؟ كەمبەغەل ئەمەسمىدىڭ؟! بۇ ماللارنى ئاللاھ ساڭا بەرگەن ئەمەسمىدى؟! دەپتۇ. ئۇ: بۇ ماللار ھەقىقەتەن ئاتا - بوۋىلىرىمدىن ماڭا مىراس قالغان، دەپتۇ. پەرىشتە: ئەگەر سەن يالغان ئېيتقان بولساڭ، ئاللاھ سېنى بۇرۇنقى ھالىتىڭگە قايتۇرۇۋەتكەي! دەپتۇ. ئاندىن ئۇ، تازنىڭ سۈرىتىدە تازنىڭ قېشىغا كېلىپ، ھېلىقى كىشىگە دېگەنگە ئوخشاش سۆزلەرنى دەپتۇ. تازمۇ ئۇ كىشىگە ئوخشاش گەپلەر بىلەن پەرىشتىنى قايتۇرۇۋېتىپتۇ. پەرىشتە: ئەگەر سەن يالغانچى بولساڭ، ئاللاھ سېنى بۇرۇنقى ھالىتىڭگە قايتۇرۇۋەتكەي! دەپتۇ.
  ئاندىن پەرىشتە قارىغۇنىڭ قېشىغا ئۇنىڭ سۈرىتىدە كېلىپ: مەن بىر مىسكىن ئادەم. سەپىرىمدە مېنىڭ ئۇزۇق - تۈلۈكۈم تۈگەپ كەتتى. مېنى ئاۋۋال ئاللاھ، ئاندىن قالسا سەندىن باشقا بىرى مەنزىلىمگە يەتكۈزۈپ قۇيالمايدۇ. ساڭا كۆزۈڭنى ساقايتىپ بەرگەن ئاللاھنىڭ نامى بىلەن مەنزىلىمگە يېتىۋېلىشىم ئۈچۈن ماڭا قويدىن بىرنى بېرىشىڭنى سورايمەن، دەپتۇ. ئۇ كىشى: مەن ھەقىقەتەن قارىغۇ ئىدىم، ئاللاھ مېنىڭ كۈزۈمنى ساقايتىپ بەردى. سەن قويدىن خالىغىنىڭنى ئېلىپ، خالىغىنىڭنى قويغىن. ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، بۈگۈن ئاللاھ يولىدا ساڭا بەرگەن نەرسىلىرىمنى قايتۇرۇپ بېرىشىڭنى تەلەپ قىلىپ سېنى قىيىن ئەھۋالدا قويمايمەن، دەپتۇ. پەرىشتە: ماللىرىڭ ئۆزەڭدە قالسۇن. سىلەر ھەقىقەتەن سىنالدىڭلار، ئاللاھ سەندىن رازى بولدى. ئۇ ئىككى بۇرادىرىڭغا ئاللاھ غەزەپ قىلدى، دەپتۇ. [بىرلىككە كەلگەن ھەدىس]
  766 - ئەبۇيەئلا شەدداد ئىبنى ئەۋس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:« ئەقىللىق كىشى ئۆزىدىن ھېساب ئېلىپ تۇرىدۇ ۋە ئاخىرەتلىكى ئۈچۈن ياخشى ئەمەل قىلىدۇ. نادان كىشىلەر ئۆزىنىڭ ھاۋايى - ھەۋىسىگە ئەگىشىدۇ ۋە ئاللادىن ئەپۇ تەمە قىلىدۇ». [تىرمىزىدىن]
  867 - ئەبۇھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:« بىر كىشىنىڭ ئۆزىگە دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئۆزىگە پايدىسى بولمايدىغان ئىشلارنى قىلماسلىقى، ئۇ كىشىنىڭ ئىسلامنىڭ ياخشىلىقىدىندۇر».[تىرمىزىدىن]
  968 - ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:« ئۆزىنىڭ ئايالىنى ئۇرغان كىشى سوراق قىلىنمايدۇ». [ئەبۇداۋۇدتىن]


  مەنبە: ياخشىلار باغچىسى

ياخشىكەن
返回首页
قايتىش
ئىنكاس يوللاش جەمئىيپارچە ئىنكاس بار
ئىسمىڭىز: پارولىڭىز:
تەستىق كودى: نامسىز يوللاش
سەھىپىلەر
  ئىسلامى يازمىلار (12)
  قۇرئان-ھەدىس (9)
  نەسىرى ئەسەرلەر  (5)
  تەرمىلەر (12)
  شىئېرىيەت (8)
  ساغلاملىق (5)
تەۋسىيەلەنگەنلىرى
مۆئمىننىڭ 24 سائىتى
مۆئمىننىڭ 2
قۇرئان كەرىمدىكى دۇئالاردىن تاللانما
قۇرئان كەر
دىن دېگەن نېمە؟
دىن دېگەن ن
ئابدۇقادىر داموللامنىڭ ئاياللار تەربىيىسى قارىشى
ئابدۇقادىر
ئىقتىسادىي تۈۋرۈك
(بىزنى قوللىسىڭىز ئېلاننى چىكىپ قويۇڭ)
مۇناسىۋەتلىك يازمىلار
يېڭى يوللانغانلىرى
كۆپ كۆرۈلگەنلىرى

باش بەت | بىز كىم؟ | مۇلازىمەتلەر | ئېلان ئالاقە | ئالاقىلشىڭ | بېكەت خەرىتىسى | پىكىر بىرىڭ | WAP
Powered by:EmpireCMS Uyghur Version by jasur.biz 6.6  © 2011-2015
QQ:82808740 | E-mail: jasurbiz@gmail.com | QQ topi(QQ群):17882733
ئەن نومۇى 新ICP备11001092号 |