ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، تورداش ! بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە باش بەت | بىزكىم | RSS
جەسۇر تور بېكىتىدىكى ئورنىڭىز : باش بەت > يازما-پۈتۈكلەر > ئىسلامى يازمىلار

ئاللاھ تائالانىڭ سۈپەتلىرى

يوللانغان ۋاقتى:2011-07-24  مەنبەسى:  يوللىغۇچى:jasur  كۆرۈلىشى:128قېتىم

ئاللاھ تائالا ئەزەلى ۋە ئەبىدى زات بولغانلىقى ئۈچۈن سۈپەتلىرىمۇ ئەزەلى ۋە ئەبىدى بولىدۇ.ئاللاھ تائالا ياراتقۇچى، ئەبىدى، ئەزەلى، ئۆزىگىلا تايىنىپ تۇرغۇچى ۋە مەخلۇقاتلارنى ئىدارە قىلىپ تۇرغۇچى، يەككە-يىگانە، بىلىم، ئىرادە، قۇدرەت،كۆرۈش، ئاڭلاش، سۆزلەش ۋە ھاياتلىق...قا ئوخشاش ئەزەلى سۈپەتلىرى بىلەن سۈپەتلەنگەن زاتتۇر.
ئاللاھ تائالا بارلىق كامالەت سۈپەتلىرى بىلەن سۈپەتلەنگەن ۋە ھەر قانداق ئاجىزلىق سۈپەتلىرىدىن پاك بولغان زاتتۇر.چۈنكى ئاللاھنىڭ ئىلاھلىق سۈپەتلىرى مۇتلەق كامالەت سۈپەتلىرى بىلەن سۈپەتلىنىشىنى تەقەززا قىلىدۇ.
ئاللاھ تائالا يەككە يىگانە زاتتۇر، ئۇ تۇغمىغان ھەم تۇغۇلمىغاندۇر، ئۇنىڭ شىرىكى ياكى ياردەمچى يوقتۇر.ئۇ ئەزەلدىن بار بولغان مۇقەررەر مەۋجۇدىيەتتۇر، ئۇ يوقۇلۇشنى ياكى ئۆزگىرىشنى قوبۇل قىلمايدىغان زاتتۇر.كائىناتتىكى بارلىق مەۋجۇداتلار بىر كۈنى شەكسىز پۈتۈنلەي يوقىلىدۇ، ئەمما ئۇ يوقالمايدۇ، ئۇ بىرەر نەرسە بىلەن تەسىرلىنىپ قالمايدۇ، ھەر قانداق مەۋجۇدىيەت ئۇنىڭ بىلەن تەسىرلىنىدۇ.
ئاللاھ تائالا بىرەر نەرسىگە مۇھتاج ئەمەس ياكى بىرەر ئورۇنغىمۇ مۇھتاج بولمايدۇ. ئۇ ۋاقىت ۋە ئورۇندىن ئىلگىرى بار بولغان ئەزەلى زاتتۇر، ئۇ كائىناتنىڭ سىرتىدىكى زاتتۇر.
ئاللاھ تائالا مەخلۇقلارغا پەقەتلا ئوخشىمايدۇ، چۈنكى مەخلۇقلار يارتىلغان نەرسىلەردۇر، ئەمما ئۇ ئەزەلى سۈپەتكە ئىگە زاتتۇر.ئۇ مەخلۇقلار ئۇچرايدىغان تۈرلۈك كۆرۈنۈشلەردىن خالىدۇر.
گەرچە ئاتالغۇ جەھەتتە ئاللاھنىڭ سۈپەتلىرى بىلەن ئىنساننىڭ بەزى سۈپەتلىرى ئوخشىشىپ قالسىمۇ،بۇ سۈپەتلەرنىڭ مەنىلىرىنىڭ ئاللاھغا نىسبەت بىرىلىدىغان ھەقىقىتى ئىنسانلارغا تونۇشلۇق بولغان سۈپەتلەرنىڭ ھەقىقىتىگە ئوخشىمايدۇ.ئاللاھنىڭ سۈپەتلىرى ھىچ بىر مەخلۇققا ئوخشىمايدىغان ياراتقۇچى ئاللاھغا لايىق بولىدۇ.
ئاللاھ تائالانىڭ ئىلمىي نەرسىلەرنىڭ ھەقىقەتلىرىنى-تەسىر كۆرسەتمەستىن-ئىچىپ بىرىدىغان سۈپەتتۇر، ئىرادە ۋە قۇدرەت سۈپىتى خاسلاشتۇرۇش ۋە تەسىر كۆرسىتىشكە ئالاقىدار سۈپەتتۇر، ئاللاھ ھەر قانداق نەرسىگە قادىردۇر، ھىچ قانداق بىر نەرسە ياكى بىر ئىش ئۇنى ئاجىز قىلالمايدۇ.ئاللاھنىڭ ھەر بىر سۈپىتى ئەزەلى ۋە كامالەتگە ئىگە سۈپەتلەردۇر.
بەزى بىر قىسىم قالايمىقان جۆيلۈيدىغانلار مۆمىنلەرنىڭ ئىمانىنى داۋالغۇتۇش ئۈچۈن: ئاللاھ ئۆزىگە ئوخشاش ئىلاھ يارتىشقا قادىرمۇ؟دەپ سوئال سورايدۇ. مۇشرىكلار:ئەگەر مۆمىنلەر ئاللاھ ئۇنىڭغا قادىر دەپ جاۋاب بەرسە، بۇلار بۇ جاۋابى ئارقىلىق ئاللاھغا شىرىك كەلتۈرگەن كاپىرلارنى كاپىر دىيىش ھەققى بولمايدۇ، ئەگەر بۇ مۈمكىن ئەمەس دەپ جاۋاب بەرسە،بۇ ئاللاھغا ئاجىزلىقنى نىسبەت بەرگەنلىك بولىدۇ،دەپ تەسەۋۋۇر قىلىشىدۇ.
بۇ تەسەۋۋۇر ناھايىتى ئەخمىقانىلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس...!
ئاللاھنىڭ قۇدرىتى ئەقىل تەسەۋۋۇر قىلالمايدىغان نەرسىنى پەيدا قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك بولمايدۇ.مەسىلەن، ئاللاھنىڭ قۇدرىتى ئىلاھلىقتا شىرىكتىن بىرنى يارىتىشقا مۇناسىۋەتلىك بولمايدۇ، سىنىڭ ئەقلىڭ بۇ سۆزنى تەستقىلاشنى مۇتلەق ئىنكار قىلىدۇ. چۈنكى يەنە بىر ئىلاھنىڭ بولىشى قەتئى مۈمكىن بولمايدىغان ئۇقۇمۇشلۇق مەسىلە.
مۇقەررەر مەۋجۇدىيەتنى يوق قىلىش مۈمكىن بولمايدۇ،ھەقىقەتكە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان ياكى ئەقىلگە سىغمايدىغان نەرسىنى پەيدا قىلغىلى بولمايدۇ، ئۇنداق بولمايدىغان بولمىسا، مۇقەررەر مەۋجۇدىيەت مۇقەررەر بولمايدۇ ۋە مۈمكىن بولمايدىغان نەرسە مۈمكىن بولمايدۇ.ئەگەر مۇقەررەر مەۋجۇدىيەتنى-مۇقەررەر مەۋجۇدىيەت ھالىتىدە تۇرسىمۇ-يوق قىلىش مۈمكىن بولسا، ياكى مۈمكىن بولمايدىغان نەرسىنى-مۈمكىن بولماسلىق ھالىتىدە تۇرسىمۇ-پەيدا قىلىش مۈمكىن بولسا، ئۇ چاغدا ئىككى زىت نەرسە بىر ئورۇندا ۋە بىر ۋاقىتتا بىرلىشىپ قالىدۇ، ئىككى زىت نەرسىنىڭ بىر ۋاقىت ۋە بىر ئورۇندا بىرلىشىپ قىلىشى ئەقلى جەھەتتىن مۈمكىن ئەمەس.
شۇنىسى ئىنىقكى، سورىغۇچى سوئال سوراش ئۈچۈن دەسلەپتە سوئالىنىڭ مەنىسىنى ھىس قىلىشى كىرەك،سوئالىنىڭ مەنىسىنى ھىس قىلىشى ئۈچۈن سوئالىنىڭ مەنىسى بولىشى كىرەك. ئەگەر سوئالنىڭ مەنىسى بولمىسا، سورىغۇچىنىڭ كاللىسىدا ئۇ سوئالنىڭ سۈرىتى(تەسەۋۋۇرى)بولمايدۇ.مەسىلە شۇنداق بولغان ئىكەن، ئۇنىڭ سوئالىنى سوئال دىگىلى بولمايدۇ. مەزمۇن جەھەتتىن قۇرۇق جۆيلۈشتىن باشقا نەرسە ئەمەس، جۆيلۈش دىگەنگەن جاۋاب بىرىش كەتمەيدۇ.
بۇ سوئال نىمىگە ئوخشايدۇ؟دىسەك، بىرسى سىزگە:سەن مىنىڭ ئالدىمدا بىرلا ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە كۆرۈنۈپ ھەم غائىب بولالامسەن؟دىگەن سوئالغا ئوخشاشتۇر.بۇ سوئالنى سورىغان ئادەمنىڭ ئۆزىمۇ نىمىنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ، چۈنكى ئۇنىڭ كاللىسىدا مۇرادىنىڭ تەسەۋۋۇرى يوق.
ئاللاھ ئۆزىگە ئوخشاش ئىلاھ يارتىشقا قادىرمۇ؟ ياكى ئاللاھ ئۆزى كۆتۈرۈشتىن ئاجىز كىلىدىغان تاشنى يارتىشقا قادىرمۇ؟ دىگەن سوئالنى سورىغان ئادەم، يوقىرىقى مىسالدىكى سوئالنى سورىغان ئادەم بىلەن قىلچە پەرقى يوق.بۇ سوئالنى كىچىك بالا سورىسا ئەيىپ سانالمايدۇ، چۈنكى ئۇ كۆپ نەرسىلەرنى بىلمىگەنلىكى ئۈچۈن سورايدۇ.كىچىك بالىغا بىرىلىدىغان جاۋاب سوئالنىڭ جاۋابى ئەمەس بەلكى نادانغا تەلىم بەرگەنلىك بولىدۇ، چۈنكى ئۇ سۆزىنىڭ مەنىسى بىلسە ئىدى، سۆزىنىڭ مەنىسىنى تەسەۋۋۇر قىلىشتىن ئاجىز ئىكەنلىگىنى ھىس قىلغان بولاتتى ۋە ئۇنداق ئەخمىقانە سوئالنى سوراپ ئولتۇرمىغان بولاتتى.
دىمەك، ئاللاھ تائالا بارلىق ئەيىپ نوقساندىن پاك، ئۇنىڭ شىرىكى يوق، ئۇ بىرەر ئورۇن ياكى ۋاقىت دائىرىسىگە كىرىپ قالمايدۇ. ئۇ جەۋھەر ياكى سايا، ياكى جىسىم ئەمەس. ئۇ ئىنسان دۈچ كىلىدىغان ئاجىزلىق سۈپەتلەر ۋە كۆرۈنۈشلەرنىڭ ھەممىسىدىن پاكتۇر.
ئۇ ۋاقىت ۋە ئورۇندىن بىھاجەتتۇر ھەم كائىناتنىڭ سىرتىدىكى ئۇلۇغ زاتتۇر.
مەنبە:ئۆگىنىش ئىسلام مەكتىپى

ياخشىكەن
返回首页
قايتىش
ئىنكاس يوللاش جەمئىيپارچە ئىنكاس بار
ئىسمىڭىز: پارولىڭىز:
تەستىق كودى: نامسىز يوللاش
سەھىپىلەر
  ئىسلامى يازمىلار (12)
  قۇرئان-ھەدىس (9)
  نەسىرى ئەسەرلەر  (5)
  تەرمىلەر (12)
  شىئېرىيەت (8)
  ساغلاملىق (5)
تەۋسىيەلەنگەنلىرى
مۆئمىننىڭ 24 سائىتى
مۆئمىننىڭ 2
قۇرئان كەرىمدىكى دۇئالاردىن تاللانما
قۇرئان كەر
دىن دېگەن نېمە؟
دىن دېگەن ن
ئابدۇقادىر داموللامنىڭ ئاياللار تەربىيىسى قارىشى
ئابدۇقادىر
ئىقتىسادىي تۈۋرۈك
(بىزنى قوللىسىڭىز ئېلاننى چىكىپ قويۇڭ)
مۇناسىۋەتلىك يازمىلار
يېڭى يوللانغانلىرى
كۆپ كۆرۈلگەنلىرى

باش بەت | بىز كىم؟ | مۇلازىمەتلەر | ئېلان ئالاقە | ئالاقىلشىڭ | بېكەت خەرىتىسى | پىكىر بىرىڭ | WAP
Powered by:EmpireCMS Uyghur Version by jasur.biz 6.6  © 2011-2015
QQ:82808740 | E-mail: jasurbiz@gmail.com | QQ topi(QQ群):17882733
ئەن نومۇى 新ICP备11001092号 |