ئىخلاسمەنلەر تىجارىتى:
ئاللاھنىڭ ساۋابىنى كۆزلەپ ئىش قىلىش
ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدىكى ساۋاب، ئەجىر ۋە مۇكاپاتلار قىسقىغىنە دۇنيادىكى مەدھىيە، نام-شۆھرەت ۋە كىشىلەرنىڭ تەشەككۈرلىرىدىن ئەۋزەل ھەم تېخىمۇ داۋاملىشىدىغاندۇر. بۇنىڭدا شەك يوق. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: (ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىكى نەرسىلەر تېخىمۇ ئەۋزەل، تېخىمۇ داۋاملىقتۇر. بۇ ئىمان ئېيتقان ۋە رەببىگە تەۋەككۇل قىلغانلار ئۈچۈندۇر.) شۇرا سۈرىسى 36-ئايەتنىڭ بىر قىسمى.
بەندە ھاياتىدا قىلغان ياخشى ئەمەللىرىنى ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا كېمەيمىگەن، تولۇق، نەچچە ھەسسە ساۋاب بېرىلگەن ھالىتىدە كۆرىدۇ. (ئۆزۈڭلار ئۈچۈن قايسىبىر ياخشى ئىشنى ئالدىن ماڭغۇزىۋەتسەڭلار، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئۇنى تېخىمۇ ئەۋزەل، ئەجىر جەھەتتىن تېخىمۇ كاتتا كۆرىسىلەر.) مۇززەممىل سۈرىسى 20- ئايەتنىڭ بىر قىسمى.
ئاللاھنىڭ ساۋابىنى كۆزلەپ ئىش قىلىشنىڭ ئەھمىيىتى مانا مۇشۇ يەردىن كېلىدۇ. ئۇنداقتا ئاللاھنىڭ ساۋابىنى كۆزلەپ ئىش قىلىشتىن بىز نېمىنى كۆزدە تۇتىمىز؟
ئاللاھنىڭ ساۋابىنى كۆزلەپ ئىش قىلىشنىڭ بىرنەچچە تۈرى ياكى مەنىلىرى بار. مەسىلەن: ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى تىلەپ تائەت-ئىبادەت قىلغاندا ساۋابىنى ئاللاھ تائالادىنلا ئېلىشنى كۆزلەش.
بەندە تائەت-ئىبادەتلەرنى قىلغىنىدا مۇشۇ مەنىنى يادىغا كەلتۈرۈپ تۇرۇپ قىلسا، ئۆزىمۇ نام-شۆھرەت قازىنىش، رىياخورلۇق، كىشىلەردىن مەدھىيە كۈتۈش ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان ئەمەلنى بىكار قىلىۋېتىدىغان ياكى ساۋابىنى كېمەيتىۋېتىدىغان ئاپەتلەردىن قوغداپ قالالايدۇ، چۈنكى ئۇ ئۆزىنىڭ پۈتۈن دىققىتىنى ئاللاھنىڭ رازىلىقى بىلەن ئاللاھدىن ساۋاب ئۈمىت قىلىشقا بەرگەن.
شۇنداق قىلغاندىلا كاتتا ئەجىر، كۆپ ساۋابقا ئېرىشەلەيدۇ، رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ بۇ سۆزىمۇ شۇنى بىلدۈرىدۇ: »قانداق بىر كىشى قەدرى كېچىسى ئاللاھنىڭ ئەجىر بېرىدىغانلىقىغا ئىشەنگەن، ئاللاھدىن ساۋاب ئۈمىد قىلغان ھالدا ناماز ئوقۇسا، ئۇ كىشىنىڭ ئىلگىرى ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرى مەغپىرەت قىلىنىدۇ. يەنە كىمكى رامزاندا پەرزلىكىگە ئىشەنگەن ۋە ئۇنىڭ ساۋابىنى ئۈمىد قىلغان ھالدا روزا تۇتسا ئىلگىرى ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرى مەغپىرەت قىلىنىدۇ».سەھىھۇل بۇخارى 1901-ھەدىس.
يەنە رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «كىمكى ئاللاھنىڭ ئەجىر بېرىدىغانلىقىغا ئىشەنگەن، شۇنداقلا ئاللاھدىن ساۋاب ئۈمىد قىلغان ھالدا بىر مۇسۇلماننىڭ جىنازىسىغا ئەگىشىپ ئۇنىڭغا ناماز چۈشۈرۈلۈپ دەپنە قىلىنىپ بولغۇچە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغان بولسا ئۇ ئادەم ھەر بىرى ئۇھۇد تېغىچىلىك كېلىدىغان ئىككى قىيرات ئەجىر بىلەن قايتىدۇ، كىمكى جىنازا نامىزىغا قاتنىشىپ دەپنە قىلىنىشىدىن بۇرۇن قايتقان بولسا بىر قىيرات ئەجىر بىلەن قايتىدۇ». سەھىھۇل بۇخارى 47-ھەدىس.
قىيرات: ئېغىرلىق ئۆلچىمى بولۇپ بىر دىينارنىڭ يىگىرمە تۆتىدىن بىرى يەنى: 0.1771 گىرامغا باراۋەر كېلىدۇ. بۇ ھەدىستىكى قىيراتتىن ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدىكى مەلۇم مىقداردىكى ساۋاب كۆزدە تۇتۇلغان بولۇپ، ھەدىستە: ئۇھۇد تېغىچىلىك، دەپ كۆرسەتكەن.(ئۇمدەتۇل قارىي)
بەلكى تېخى مۇسۇلمان بەندە ئاللاھدىن ساۋاب ئۈمىد قىلغان ئەھۋالدا ئۆز ئۈستىگە ۋاجىب بولغان، قىلمىسا بولمايدىغان خىراجەتلەرگىمۇ ئەجىر ئالالايدۇ، مەسىلەن: خوتۇن-بالىلىرىغا خەجلەپ بەرگەن چىقىمدىن ئاللاھنىڭ ساۋابىنى ئۈمىد قىلغان بولسا سەدىقە قىلغاننىڭ ساۋابىنى ئالىدۇ. ھەدىستە شۇنداق كەلگەن: «بىر ئادەم ساۋاب كۆزلىگەن ھالدا ئائىلىسىگە خىراجەت قىلسا، بۇ ئۇ ئادەم ئۈچۈن سەدىقە بولىدۇ». سەھىھۇل بۇخارى 5351-ھەدىس.
ئاللاھنىڭ ساۋابىنى كۆزلەپ ئىش قىلىشتىن قولغا كەلگەن ساۋاب نېمىدېگەن كاتتا ھە!
ئاللاھنىڭ ساۋابىنى كۆزلەپ ئىش قىلىشنىڭ يەنە بىر مەنىسى شۇكى: ھەر تۈرلۈك بالايى-ئاپەت، مۇسىبەت ۋە قىيىنچىلىقلارغا سەۋر قىلىش ئارقىلىق ئاللاھنىڭ ساۋابىنى كۆزلەشتۇر.
ئاللاھ تائالا مۇشۇ تۈرلۈك مۇئمىنلەرنى مەدھىيىلىگەن، ئۇلارغا رەھمەت، ھىدايەت ۋە كاتتا ئەجىر ۋەدە قىلغان. (ئۆزلىرىگە بىرەر مۇسىبەت يەتكەن چاغدا: بىز ئاللاھنىڭ ئىگىدارچىلىقىدىمىز، بىز چوقۇم ئۇنىڭ دەرگاھىغا قايتقۇچىلارمىز دەيدىغانلار، ئاشۇلارغا پەرۋەردىگارىنىڭ مەغپىرىتى ۋە رەھمىتى بولىدۇ، ئاشۇلارلا ھىدايەت تاپقۇچىلاردۇر.) بەقەرە سۈرىسى 156-157-ئايەت.
ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بۇ ئايەت ھەققىدە مۇنداق دېگەن: ئىككى تەرەپكە تەڭ تەڭشەپ ئارتىلغان يۈك نېمىدېگەن ياخشى، ئۈستىگە ئارتۇق ئارتىلغان يۈكمۇ نېمىدېگەن ياخشى!
ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ بۇ سۆزىدە ئوخشىتىش بار بۇلۇپ، ئۇ سۆزىدە مۇسىبەت ۋە بالايى-قازاغا سەۋر قىلغانلارغا بېرىلگەن چوڭ مۇكاپاتنى خۇددى ئۇلاقنىڭ ئىككى تەرىپىگە تەڭشەپ ئارتىلغان، ۋە يەنە ئۇنىڭ ئوتتۇرىغا ئۈستىلەپ قوشۇپ ئارتىلغان لىق يۈككە ئوخشاتقاندۇر. يەنى: ئۇلاقنىڭ باشقا يۈك ئارتىلغۇدەك ئورنى قالمىغان ھالەتتە يۈك ئارتىلغىنىدەك، سەۋر قىلغانلارغىمۇ مۇكاپات شۇنداق تولۇق بېرىلگەن، مەغپىرەت يۈكنىڭ بىر تەرىپى، رەھمەت بىر تەرىپى بولسا، (ئەنە شۇلار ھىدايەت تاپقۇچىلاردۇر) دېگەن مەدھىيە ئۈستىلەپ ئارتقان يۈكتۇر. ياكى مۇسىبەتكە ئۇچرىغانلارنىڭ: (بىز ئەلۋەتتە ئاللاھنىڭ ئىگىدارچىلىقىدىمىز، چوقۇم ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتىمىز) دېگەن ئىككى كەلىمە سۆزى يۈكنىڭ بىر تەرىپى، ئۇلارغا بېرىلگەن ئاللاھنىڭ مەغپىرىتى ۋە رەھمىتىدىن ئىبارەت ئىككى خىل ساۋاب يۈكنىڭ يەنە بىر تەرىپى بولۇپ، (ئەنە شۇلار ھىدايەت تاپقۇچىلاردۇر) دېگەن مەدھىيە ئۈستىلەپ ئارتقان يۈكتۇر.(ئۇمدەتۇل قارىي)
ئىنسانلار دۇنياۋى ھاياتتا تۈرلۈك بالايى-ئاپەت، ياقتۇرمايدىغان، يامان كۆرىدىغان ئىشلارغا دۇچ كەلمەي قالمايدۇ. بۇلارغا دۇچار بولۇشتا مۇئمىن بىلەن كاپىر ئوتتۇرىدا پەرق يوق. پەقەتلا مۇئمىنلەر ئاللاھنىڭ ساۋابىنى كۆزلەپ ئىش قىلىشتا پەرقلىنىپ تۇرىدۇ.
مەسىلەن: مۇسۇلمان كېسەل بولىدۇ، كاپىر شۇنداق. سۆيۈملۈك كىشىلىرى، تۇغقانلىرى ۋە دوست-يارەنلىرى ئۆلۈپ كېتىدۇ. كاپىرنىڭمۇ شۇنداق. بىراق ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىدا مۇھىم بىر پەرق بار، ئۇ بولسىمۇ، مۇئمىن كىشى سەۋر قىلىپ، ئاللاھنىڭ ساۋابىنى كۆزلىگەن تەقدىردە ئاللاھدىن كۈتىدىغان ئەجىردۇر.
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: (دۈشمەننىڭ ئارقىسىدىن قوغلاشتا سۇسلۇق قىلماڭلار. ئەگەر قىينالساڭلار، ئۇلارمۇ سىلەرگە ئوخشاش قىينىلىدۇ، سىلەر ئۇلار ئۈمىد قىلمايدىغان نەرسىنى ئاللاھدىن ئۈمىد قىلىسىلەر. ئاللاھ بىلگۈچى، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.) نىسا سۈرىسى 104-ئايەت.
قېنى مۇسىبەت، بالايى-ئاپەتلەردە ئاللاھنىڭ ساۋابىنى كۆزلەپ سەۋر قىلغانلارنىڭ مۇكاپاتىغا قاراپ باقايلى. رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ مۇئمىن بەندىسىنىڭ زېمىن ئەھلىدىن بولغان ئەڭ سۆيۈملۈك كىشىسىنى ئېلىپ كەتكەن تەقدىردە سەۋر قىلىپ ئاللاھنىڭ ساۋابىنى كۆزلىسە، ئۇنىڭغا جەننەتتىن تۆۋەن ساۋاب بېرىشكە رازى بولمايدۇ». نەسەئىي 1998-ھەدىس.
ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالايلى: مەن رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: «ئاللاھ دېدى: بەندەمنى ئىككى مەھبۇبىسىدىن مەھرۇم قىلىپ سىنىغىنىمدا، سەۋر قىلسا، ئىككىسىنىڭ ئورنىغا ئۇنىڭغا جەننەتنى بېرىمەن». ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: ئىككى كۆزىنى دېمەكچى، دېگەن. سەھىھۇل بۇخارى 5647-ھەدىس.
ئەتائ ئىبنى ئەبى رەباھ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېدى: ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما ماڭا: جەننەت ئەھلىدىن بولغان بىر ئايالنى ساڭا كۆرسىتىپ قويمايمۇ؟ دېۋىدى، مەن: ياق، كۆرسىتىپ قويسىلا، دېسەم، مۇنداق دېدى: بۇ قارا ئايال پەيغەمبەر رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھۇزۇرىغا كېلىپ: مېنى تۇتقاقلىق تۇتۇپ قالىدۇ، مەن ئېچىلىپ قالىمەن. شۇڭا مەن ئۈچۈن ئاللاھقا دۇئا قىلغايلا، دېۋىدى، رەسۇلۇللاھ: «خالىسىڭىز سەۋر قىلىڭ، سىزگە جەننەت مۇكاپات بولسۇن، خالىسىڭىز ئاللاھ سىزنى ساقايتىپ قويۇشقا دۇئا قىلاي» دېدى، ئۇ ئايال: مەن ئېچىلىپ قالىمەن. شۇڭا ئېچىلىپ قالماسلىقىمغا ئاللاھقا دۇئا قىلغايلا، دېۋىدى، رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭغا دۇئا قىلدى. سەھىھۇل بۇخارى 5652-ھەدىس.
يۇقىرىقى ھەدىسلەردە ئىنسان بېشىغا كەلگەن مۇسىبەتلەرگە سەۋر قىلىپ ئاللاھدىن ساۋاب كۆزلىگەنلىكى ئۈچۈنلا ئېرىشىدىغانلىقى ئېنىق بىلىنىپ تۇرۇپتۇ.
ئىسلامىيەتنىڭ دەسلەپكى دەۋردىكى كاتتىلىرىمىز ئەجىر بىلەن ساۋابنى كۆزلەپ ئەمەللىرىدىن پەقەت ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى، ساۋابىنىلا كۆزلەپ ياخشى نىيەتنى كۆڭلىگە پۈكۈپ ئىش قىلاتتى. مەسىلەن ئۆمەر فارۇق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: ئى خالايىق! ئەمەللىرىڭلاردىن ئاللاھ رازىلىقىنى، ساۋابىنى كۆزلەڭلار! چۈنكى قانداق بىر كىشى ئەمىلىدىن ئاللاھنىڭ ساۋابىنى كۆزلەيدىكەن، ئۇنىڭغا قىلغان ئەمىلىنىڭ ئەجرى بىلەن نىيىتىنىڭ ئەجرى يېزىلىدۇ.
خۇبەيب ئىبنى ئەدىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى مەككە مۇشرىكلىرى ئۆلتۈرۈۋەتمەكچى بولغاندا مۇنداق دېگەن:
پەرۋا قىلماسمەن ئۆلتۈرۈلسەم مۇسۇلمان پېتىم
ئاللاھ ئۈچۈن قايسى ياققا يىقىلغىنىمغا
بۇ پەقەت ئاللاھ يولىدا، خالىسا ئەگەر
بەرىكەت قىلۇر قىيما-چيما تەن بوغۇملىرىغا
دېمەك خۇبەيب ئىبنى ئەدىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۆلۈم ئالدىدا پەقەت ئاللاھ رازىلىقىنىلا كۆزلىگەن، ئۆلۈمگە پەرۋا قىلمىغان.
شۇڭا مەيلى تائەت-ئىبادەتلىرىمىزدە بولسۇن، مەيلى مۇسىبەت، بالايى ئاپەتلەرگە دۇچ كەلگەندە بولسۇن ئاللاھ رازىلىقىنىلا كۆزلىسەك، ئاللاھ قەلبىمىزنى ھەق ئۈستىدە مۇستەھكەم قىلىپ، ئەجرىمىزنى ھەسسىلەپ بېرىدۇ.
ئەسلى مەنبە: ئەرەبچە ئىسلام تورى
تولۇقلاپ تەرجىمە قىلغۇچى: دوكتۇر ئابدۇل ئەزىز رەھمەتۇللاھ.
مەنبە:ساجىيە تور بېكىتى
|